باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى جاكارلىغاندا غەرب ئەللىرى ئولتۇرالمىدى(2)

2013.10.12 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ بىر ئاساسلىق تاراتقۇسى كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى يېقىندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت تۈركىيە جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى تاللىدى» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلدى، بۇ ماقالىدە جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ياخشى، نىشانغا تەكگۈزۈش سىنىقىدىنىمۇ ياخشى ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش غەرب ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ خىل قورال سىستېمىلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىدىكى سەۋەب دەپ ھېسابلاندى.

  21-ئەسىر تۈركىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەسەدنىڭ ھېسابلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ 5 يىلدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى سىرتنىڭ ياردىمىگە تايانمايلا يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېخىنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. بۇ تۈركىيەنى دۇنيادا ئاز ساندىكى مۇستەقىل ھالدا بۇ خىل قورال سىستېمىسى بەرپا قىلالايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزىدىكەن.

  ئامېرىكا خېرىدار چاقىرىشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ سودىسىغا قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلى 2-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئەگەر غەرب ئەللىرى تۈرىيەنىڭ تېخىنىكىدىن بەھرىلىنىش تەپىلىنى تولۇق ئويلاشقان بولسا، بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىش نەتىجىسى ئۇلارنى بۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرمەيتى.

  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇراد بايار مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئارمىيەسى يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىگە خېرىدار چاقىرىشتا جۇڭگو ئىشلەپ چىقارغان قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاللىشىدا كۆپ تەرەپلىك سەۋەب بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى جۇڭگو نازۇك مېخانىكا ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتىنىڭ باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق، 12 ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سەپلەنگەن قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك سىستېمىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 3 مىليارد 340 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ باھاسى بولسا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى.

  بايار يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك سىستېما تۈركىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغاندا تۈركىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلىش نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە بۇ سىستېمىنى تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولدى. قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك سىسېمىنى تۈركىيەنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش جەريانىدا ھېچقاندا قىيىن مەسىلە تۇغۇلمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر