رەسسام ئەخمەتجان ھۆسىيىن 1987–يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2002–يىلى 9–ئايدىن 2005–يىلى 7–ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل–سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2005–يىلدىن 2007–يىلغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكولىتېتى گۈزەل-سەنئەت كافىدىراسىدا ئوقۇغان؛ 2012–يىلدىن 2013–يىلغىچە بىر يىل داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئىجادىيىتى ئالىي تەتقىقات سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئاپتورنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى 2013–يىلى 7–ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.