باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى (1)

2013.10.09 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1994 – يىل 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللانغان)

  2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  ( 1 – نومۇرلۇق )

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

  1 – ماددا بۇ چارە سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ – تۇپراق بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سۇ، قۇرغاقچىلىق، قۇم – بوران ئاپەتلىرىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە سۇ – تۇپراقنى ساقلاشتا مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

  3 – ماددا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ؛ كىم ئېچىپ پايدىلانسا، شۇ ئاسراش، شۇ تولۇقلىما بېرىش، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشكە كىم سەۋەبچى بولسا، شۇ تىزگىنلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ – تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى؛ سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلاردا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر