2013-يىلى 19-سېنتەبىر يەنى تاۋۇز چاغىنى كۈنى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەتىگەندە تۇرپانغا قاراپ يول ئالدىم . تۇرپان ۋىلايەتلىك فوتو سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەرشىدىن توختى ئاكا بىلەن ئالدىن ئالاقە قىلغاچقا ، چۈشتە دېگەن ۋاقىتتا ئۇچراشتۇق . مېنىڭ مەقسىدىمنى ئۇققاندىن كېيىن كۆڭلۈمدىكىنى بىلگەندەك ماشىنىسىنى ئۇدۇل يالقۇنتاغقا قاراپ ھەيدەپ ماڭدى ، يول بويى پاراڭلىرىمىز تۈگىمىدى .
سىڭگىم ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ماشىنىنى خالىي يەرگە توختىتىپ قويۇپ، شەرق تەرەپتىكى تاققا ياماشتۇق، ئىسسىقتا ياخشى بىر سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى تېپىش ئۇنچە ئاسانغا چۇشمىدى . ئەرشىدىنكام بىر نەچچە چوققىنى بېسىپ ئاخىرى بىر نۇقتىنى بېكىتىپ مېنى چاقىردى . دېگەندەك بۇ نۇقتا ئالدىنقى نۇقتىلارغا قارىغاندا خېلى ياخشى ئىدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرە دەل مەن تارتماقچى بولغان مەنزىرە ئىدى . يىراقتىكى ئاقباش تەڭرىتېغىنىڭ باغرىدا بىر بوستانلىق ياتاتتى . بۇ سىڭگىم يېزىسى بولۇپ ، تۆۋەندە بۇنداق كۆرۇنۇشنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بەسلەشكەندەك سۈرەت تارتىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ھېلى چوققىدا، ھېلى يول بويىدا، كۆل بويىدا ....يۇلغۇنلۇق جىلغىدا سۈرەتكە تارتىپ قانداق كەچ كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق.
قايتاشىمىزدا تولۇن ئاي بىزگە يول بويى ھەمراھ بولدى . تۇرپان شەھىرىگە يېتىپ بارغىنىمىزدا ئاللىقاچان كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، پەرىشتە توي سۈرەتخانىسىنىڭ خوجايىنى ئەركىن ئابلىز بىزنى بېزەكلىك يول بويىدا كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن . ئۈچەيلەن تاماق يېگەچ خېلى ۋاققىچە پاراڭلاشتۇق . ئەرشىدىنكام ئۆيىگە كەتكەندىن كېيىن ئەركىن ئىككىمىزنىڭ گېپى تۈگىمەي مانا ئەمىسە دەپ تاڭ سۈزۈلگىچە پاراڭلىشىپتۇق . سەھەردە ئەرشىدىنكام دۇكان ئالدىغا يېتىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئەركىننىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ يەنە سۈرەت تارتقىلى يولغا چىقتۇق .
دەسلەپتە تۈنۈگۈن ئالدىن كۆرۈپ قويغان نۇقتىلارنى سۈرەتكە تارتتۇق ، كېيىن سىڭگىم يېزىسىنىڭ بېرىپ باقمىغان يەرلىرىگە بېرىپ سۈرەتكە تارتتۇق . كېيىن مۇرتۇقتىكى غوجامغا ۋە تۆۋەنكى مەھەللىلەرگىچە بېرىپ خېلى كۆپ يەرلەرنى تەپسىلىي كۆرۈۋالدۇق . بىر كۈن مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى ، گەرچە ھارغىنلىق يەتكەن بولسىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى . كەچتە تۇرپان شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئىككەيلەن بىلەن خوشلۇشۇپ ، ۋاقتىم قىس بولغاچقا ئۈرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم .
تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ خاتىرىسى ئۈچۇن بىر قىسىم سۈرەتلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر