باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

داڭلىق فوتوگراف قۇربان مۇھەممەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن ــــ سىنتەبىردىكى يالقۇنتاغ باغرى(2)

2013.10.08 16:24   مەنبە: خەلق تورى

داڭلىق فوتوگراف قۇربان مۇھەممەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن ــــ سىنتەبىردىكى يالقۇنتاغ باغرى(2)


  2013-يىلى 19-سېنتەبىر يەنى تاۋۇز چاغىنى كۈنى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەتىگەندە تۇرپانغا قاراپ يول ئالدىم . تۇرپان ۋىلايەتلىك فوتو سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەرشىدىن توختى ئاكا بىلەن ئالدىن ئالاقە قىلغاچقا ، چۈشتە دېگەن ۋاقىتتا ئۇچراشتۇق . مېنىڭ مەقسىدىمنى ئۇققاندىن كېيىن كۆڭلۈمدىكىنى بىلگەندەك ماشىنىسىنى ئۇدۇل يالقۇنتاغقا قاراپ ھەيدەپ ماڭدى ، يول بويى پاراڭلىرىمىز تۈگىمىدى .

  سىڭگىم ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ماشىنىنى خالىي يەرگە توختىتىپ قويۇپ، شەرق تەرەپتىكى تاققا ياماشتۇق، ئىسسىقتا ياخشى بىر سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى تېپىش ئۇنچە ئاسانغا چۇشمىدى . ئەرشىدىنكام بىر نەچچە چوققىنى بېسىپ ئاخىرى بىر نۇقتىنى بېكىتىپ مېنى چاقىردى . دېگەندەك بۇ نۇقتا ئالدىنقى نۇقتىلارغا قارىغاندا خېلى ياخشى ئىدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرە دەل مەن تارتماقچى بولغان مەنزىرە ئىدى . يىراقتىكى ئاقباش تەڭرىتېغىنىڭ باغرىدا بىر بوستانلىق ياتاتتى . بۇ سىڭگىم يېزىسى بولۇپ ، تۆۋەندە بۇنداق كۆرۇنۇشنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بەسلەشكەندەك سۈرەت تارتىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ھېلى چوققىدا، ھېلى يول بويىدا، كۆل بويىدا ....يۇلغۇنلۇق جىلغىدا سۈرەتكە تارتىپ قانداق كەچ كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق.

  قايتاشىمىزدا تولۇن ئاي بىزگە يول بويى ھەمراھ بولدى . تۇرپان شەھىرىگە يېتىپ بارغىنىمىزدا ئاللىقاچان كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، پەرىشتە توي سۈرەتخانىسىنىڭ خوجايىنى ئەركىن ئابلىز بىزنى بېزەكلىك يول بويىدا كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن . ئۈچەيلەن تاماق يېگەچ خېلى ۋاققىچە پاراڭلاشتۇق . ئەرشىدىنكام ئۆيىگە كەتكەندىن كېيىن ئەركىن ئىككىمىزنىڭ گېپى تۈگىمەي مانا ئەمىسە دەپ تاڭ سۈزۈلگىچە پاراڭلىشىپتۇق . سەھەردە ئەرشىدىنكام دۇكان ئالدىغا يېتىپ كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئەركىننىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ يەنە سۈرەت تارتقىلى يولغا چىقتۇق .

  دەسلەپتە تۈنۈگۈن ئالدىن كۆرۈپ قويغان نۇقتىلارنى سۈرەتكە تارتتۇق ، كېيىن سىڭگىم يېزىسىنىڭ بېرىپ باقمىغان يەرلىرىگە بېرىپ سۈرەتكە تارتتۇق . كېيىن مۇرتۇقتىكى غوجامغا ۋە تۆۋەنكى مەھەللىلەرگىچە بېرىپ خېلى كۆپ يەرلەرنى تەپسىلىي كۆرۈۋالدۇق . بىر كۈن مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى ، گەرچە ھارغىنلىق يەتكەن بولسىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى . كەچتە تۇرپان شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئىككەيلەن بىلەن خوشلۇشۇپ ، ۋاقتىم قىس بولغاچقا ئۈرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم .

  تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ خاتىرىسى ئۈچۇن بىر قىسىم سۈرەتلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تيەنئەنمېندىكى گۈللۈككە چىراق ئورنىتىلىپ بايرام كۈتۈۋېلىندى، ئۈچ ئۆلچەملىك چىراغ كىشىنى مەپتۇن قىلد…
      ·شەندوڭدىكى ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرى «قوراللىق» ھەربىي مەشقتە «راست ئوق»بىلەن قارىغا ئېتىپ جەسۇ…
      ·2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش باشلاندى، تىزىملىنىۋاتقانلار ئۇدا 9 يىل مىليۇ…
      ·چۇڭچىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قەلئەگىلا ئوخشايدىغان «غەلىتە» مەكتەپ دەرۋازىسى(1)
      ·جىلىن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى «ئۆگىنىشخانىسى»نىڭ يىللىق ھەققى 800 يۈەن ئىكەن
      ·جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى(1)
      ·تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى: ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسەرلىرى چۆچەكلەر دۇنياسىنى ن…
      ·قازاقىستان ساياھەت ئەمەلدارى ۋىزا يېڭى كۆرسەتمىسى توغرىسىدا سۆزلىدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋىزا قوي…
      ·لى ياڭنىڭ ئالدىنقى ئايالىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى، ئايالىنى داشقال دەپ قوپاللىق بىلەن تىل…
      ·گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كەچۈرۈم جاۋابكارلىق خې…