چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان كىم ئىلسۇڭ ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆزدىن كەچۈردى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: چاۋشيەن ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› نىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان كىم ئىلسۇڭ ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . كىم جوڭئۇن بۇ يىل 8-ئايدا مەزكۇر قۇرۇلۇش ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، قۇرۇلۇشچىلاردىن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى (10-ئۆكتەبىر)دە قۇرۇلۇشنى تاماملاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن .
كىم جوڭئۇن مۇنداق دېگەن : بۈگۈنكى دەۋر بىلىم ئىقتىسادى دەۋرى ، مېڭە ئۇرۇشى دەۋرى ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى دۆلەت ئۈچۈن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان ، ئۇلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماسلىقىمىز كېرەك . كىم ئىلسۇڭ ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپچىلىرى پارتىيەنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك .