خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن 16 ياشلىق قىزچاق ئىلىزابىت نېك ئېۋانس مەكتەپتە قىسمەن ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان، تاياق يەپلا قالماستىن يەنە ئىشكاپقا سولاپ قويۇلغان، ئەخلەت ساندۇقىغا تىقىۋېتىلگەن. خورلۇققا چىدىمىغان ئىلىزابىت ئالدىنقى كۈنى ئۆيىدە ئۆلۈۋالغان.
ئىلىزابىت ناھايىتى تېتىك قىز بولۇپ، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كېيىشنى، دوستلىرى بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرۈدىكەن. ئۇنىڭ دادىسى مايكېل ئېۋانسنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قىزىنىڭ مەكتەپتە ئازابلانغانلىقىنى ھېس قىلغان، بىراق ئەھۋالنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنى بىردىنبىر غەزەپلەندۈرگىنى، قىزىم ھەرۋاقىت ھەربىر كىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەردائىم باشقىلارنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرىدۇ، بىراق باشقىلار ئۇنىڭغا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىدى». ئىلىزابىتنىڭ دوستى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى يوشۇرغان، يارىلانغان بولسىمۇ بىلىندۇرمىگەن».
مايكېلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەكتەپ بىلەن سۆزلەشكەن، بىراق پايدىسى بولمىغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپ بۇ ئىشنى توسالايتتى، ئاز-تولا تەدبىر كۆرسە بولاتتى». مەكتەپ نازارەتچىسى مايكېل ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى، بىراق، مايكېل ئېيتقان ھېچقانداق ئۇچۇردىن خەۋەردار بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. مايكېل قىزىنىڭ پاجىئەسىنىڭ باشقا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ساۋاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر