68-نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكىدەك مۇنازىرىسى شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىر ب د ت نىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئشىتابىدا ئېچىلدى، خەلقئار سىياسيونلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. بانكىمون شۇ كۈندىكى ئادەتتىكىدەك مۇنازىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇش كىرىزىسىنى چوقۇم سىياسىي يول ئارقىلىق تېنچ ھەل قىلىنىشىنى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سۈرىيە كىرىزىسى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېنچلىق ۋە ئامانلىق جېڭى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇ كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئۇزۇن نۇتىق سۆزلەپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە قاراتقان تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى