خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-چېسلا پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىرغىچە پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە 24-چېسلا چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە 328 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
بالۇچىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئاباران رايونىدا ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، يەر تەۋەشتە 260 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يۈزلىگەن ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ تۈپتۈز بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باشقا رايونلىرىدا 68 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.