خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-سېنتەبىر، خىزمەتچى خادىملار «گۈل سېۋىتى»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېزەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا. ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق گۈل سېۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 18.2 مېتىر، دېئامېتىرى 15 مېتىر، مەركىزىي گۈل سۇپىسىنىڭ دېئامېتىرى 50 مېتىرغا يېتىپ، 2012-يىلدىكى يۇقىرى چەكتىن 15 مېتىر ئاشقان، بۇ يىللىق گۈل سېۋىتى تيەنئەنمېن مەيدانى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ گۈل سېۋىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تېجەشلىك بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىللىق ئاساسلىق گۈل بولغان مۇدەنگۈلنىڭ مەركىزىي قىسىمىغا ئالدىنقى يىلى ساقلاپ قېلىنغان جۈەنخۇا گۈلىنىڭ گۈل بەرگى ئىشلىتىلدى. بىر پۈتۈن دۆلەت بايرىمى تېمىسىدىكى گۈللۈك سۇپىدا 25-سېنتەبىر قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر