18-سېنتەبىر سائەت 13:00لەر ئەتراپىدا، تاۋجياڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاممىنىڭ 110 دېلو مەلۇم قېلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ۋە تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر كۈن بولغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ تاۋخۇڭجياڭ بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ غەربىي كوچا شۆبە دوختۇرخانىسىدىكى كېسەلخانىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تاۋجياڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، دەرھال جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىدىن، چېچەن خەلق ساقچىلىرىنى ئاجرىتىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرگەن. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار غەربىي كوچا شۆبە دوختۇرخانىسىنى ۋە ئەتراپنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن: دېلو سادىر بولۇشتىن نەچچە كۈن ئاۋۋال چامادان كۆتۈرگەن گۇمانلىق بىر ئايال شۇ دوختۇرخانا ئەتراپىدا يۈرگەن بولۇپ، رازۋېدچىكلار بۇ گۇماندار ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ گو مونوڭ ئىكەنلىكىنى، تاۋخۇاجياڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە يېقىن يەردە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. 22-سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00لەر ئەتراپىدا، خەلق ساقچىلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئارقىسىدا ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان گومونوڭنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە نەق مەيداندا ئوغۇرلانغان بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.