خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 23-سېنتەبىر كېنىيە پايتەختى نايروبىدا، ئارمىيە زور كۆلەملىك قورشاپ يوقىتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا. كېنىيە ھەربىي تەرەپ يەكشەنبە كۈنى كەچتە تېررورچىلار بۇلىغان سودا سارىيىغا ھۇجۇم باشلاپ، «تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتۇق» دېدى. ئىگىلىنىشىچە، ئېتىشىشتا ئاز دېگەندە 68 ئادەم ئۆلۈپ 175 ئادەم يارىلانغان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر