بىزدىكى چاچ مەدەنىيىتىگە مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سان چۈشەنچىسى ۋە غۇرۇرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20–ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت–ياقا يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقاردى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ھازىرقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز– چوكانلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن چاچ شەكلى ۋە چاچ قويۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇلار تەتقىق قىلىشىمىزنى ھەم زامانىمىزدىكى قىزلىرىمىزغا ئەنئەنە تەربىيەسى سۈپىتىدە ئۆگىتىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەنئەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، يورۇتۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەجداد ئادىتىنى ئەۋلاد تۇرمۇشىدا جەۋلان قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.