جۇۋان چاچ. چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى«جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
چۇپۇر چاچ(ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان سۈنئىي چاچ). يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرخىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىقنى ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلايدۇ. چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە ، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشقا، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا شالاڭ چاچنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن چۇپۇر چاچ بارلىققا كەلگەن.
كوكۇلا چاچ. قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقا كىرگىچە سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل چاچ شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم چەت–ياقا رايونلاردا ۋە قىشلاقلاردا ساقلانماقتا.