چوكان چاچ. قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40تال ئۆرۈمە چېچى 15،17،21 تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ. چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. يەنى15ياشتىن ھالقىغان،17ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15تال،17ياشتىن 20ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17تال،20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21تال ئۆرۈلىدۇ.
تۆت ئۆرۈمە چاچ. چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق سۈيى» ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ «چاچ قوشماق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈلگەن چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.