مەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002–يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000–3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن.