ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھەر قانداق شەيئىي، ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيەۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.