خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2013-يىلى 23-سېنتەبىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە، يېقىندا، بەزى شەھەر ئاھالىلىرى نەنجىڭ لىشۇي رايونى خوڭ لەنجېن بازىرى شىۋاڭ مەھەللە كومىتېتىنىڭ كەڭ – كۆلەمدە كۆچۈرۈلمەكچى ئىكەنلىكىنى، بىراق جېتاڭجېن بازارلىق ساقچىخانا مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ئىشچى ياللاپ داچىسى ئاستىغا 200 كۋادرات مېتىردىن ئاشۇرۇپ «يەر ئاستى ئوردا»سى كولىتىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆچۈرۈش تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. بۇ ئىش لى شۇي رايونىدىكى خوڭلەنجېن بازىرى ۋە رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارمىقى رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت ــ ئېتىبارىنى قوزغىغان. تۈنۈگۈن، «يەر ئاستى ئوردىسى»نى چوڭقۇرلىتىش توختىتىلدى، ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
مەنبە: خەلق تورى