خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەڭ يېڭى خەۋەردىن ئىگىلىنىشىچە، 23-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، فۇشىكاڭ يەنتەي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مىكروبلوگ ئارقىلىق باغچا سىرتىدا يۈز بەرگەن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش ۋەقەسىگە چۈشەنچە بەرگەن.ئىگىلىنىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بۈگۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇشۇ تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان فۇشىكاڭ يەنتەي سانائەت باغچىسى رايونىدا يېقىندا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم توپلىشىپ مۇشتلاشقانلىقىنى، ھازىرغىچە، بۇ ۋەقەدە 11 ئادەم يېنىك يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغان ياكى ئۆلگەنلەر يوقلۇقىنى ئېيتتى. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە ئىككى ياش قىزنىڭ زاۋۇت سىرتىدا توردا جېدەل چىقارغانلىقىدىن كېلىپ چىققانىكەن.
مەنبە: خەلق تورى