خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ئۈچ مۇداپىئە ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 23-سېنتەبىر سائەت 9:00غىچە، بۇ يىللىق 19-نومۇرلۇق كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «ئۇساكى» قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن گۇاڭدۇڭدا 35 ئادەم قازا قىلغان، ئۆلكە بويىچە 3 مىليۇن 563 مىڭ ئادەم زىيانغا ئۇچرىغان، 226 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 7100 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا دېڭىز سۈيى تېشىپ چىقىپ توسمىلارنى بېسىپ كەتكەن، كەڭ ـ كۆلەمدە سۇ ـ توك توختاشتەك ئاپەتلەر يۈز بەرگەن.