خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1983-يىلى سىتىف جوبېس تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى ياش بولۇپ، ئاسپېندا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتى ۋە شۇ يەردە ۋاقىت كاپسۇلىنى كۆمدى. بۇ ۋاقىت كاپسۇلى 4 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇرۇببا شەكىللىك بولۇپ، ئىچى ساقلانمىلار بىلەن توشقان. بىراق شۇنچە كۆپ ساقلانمىلار ئىچىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى يەنىلا لىسا مائۇسى بولدى. جوبېسنىڭ قىزىنىڭ ئىسىمى بىلەن نام بېرىلگەن لىسا مائۇسى 1-ئەۋلاد سودا كومپىيوتېرىنىڭ مەخسۇس مائۇسى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايتتى. گەرچە 30 يىلدىن بۇيان مائۇسلار ئۇسلۇب جەھەتتە ئاز تولا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىچكى تۈزۈلۈش جەھەتتە لىسا مائۇسىدىن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: جوبېسنىڭ ۋاقىت كاپسۇلى كۆمۈلۈپ 30 يىلدىن كېيىن قايتا ئايان بولدى