خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-سىنتەبىر گېرمانىيە زوڭلىسى مېركېل بېرلىندىكى خىرىستيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى باش شىتابىدا چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
گېرمانىيە تېلېۋىزىيە 1-ئىستانسىسى 22-سېنتەبىر ئېلان قىلغان گېرمانىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ چوڭ سايلامدا بېلەت تاشلاش دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە، مېركېل رەھبەرلىك قىلغان بىرلەشمە پارتىيە %42 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلىمىدىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالغان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى