خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 21-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتىف جوبىس 30 يىل ئىلگىرى كۆمۈۋەتكەن ۋاقىت كاپسۇلى ئالدىنقى كۈنى ئاخىرى قېزىپ چىقىرىلدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا كۆمۈلگەن جاينى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىت كاپسۇلىنىڭ «قايتا يورۇقلۇققا چىقىدىغان» ۋاقتى توپتوغرا 10 يىل كېچىكىپ كەتتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر