خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-سىنتەبىر، پاراشوتتىن سەكرەش ئويۇنى كۆرسىتىش ئەترىتى 2-نۆۋەتلىك شېنياڭ فاكۇ خەلقئارا ئۇچۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پاراشوتتىن سەكرەش ئويۇنى كۆرسەتتى. شۇ كۈنى 2-نۆۋەتلىك شېنياڭ فاكۇ خەلقئارا ئۇچۇش يىغىنى شېنياڭدىكى فاكۇ سەيخۇ ئايرودرومىدا ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىككى ئايروپىلان ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش، قوش قاناتلىق ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ شەكىل چىقىرىپ ئۇچۇشى قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلدى.بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىشكە ۋە تىنچ ھالەتتىكى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇش قۇرۇلمىلىرى 300دىن ئاشىدىغان بولۇپ، 200گە يېقىن خادىم ئويۇن كۆرسىتىشكە قاتناشتى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار 150مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر