خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى بىر چوڭ سودا سارىيىدا 21-سېنتەبىر ساقچىلار بىلەن باندىتلار ئېتىشىپ قېلىپ، ھازىرغىچە 39 ئادەم ئۆلۈپ، 150تىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى. بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سومالى ياشلار پارتىيەسى بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر