خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 3D فانتازىيەلىك سەنئەت سەييارە كۆرگەزمىسى دوڭگۇۋەن بېكىتى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇۋەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 7 چوڭ تېما بويىچە جەمئىي 50 دىن ئارتۇق ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 3D فانتازىيەلىك سەنئىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى فوتىزم سەنئىتى ھەرىكىتىدە مەيدانغا كەلگەن. سەنئەتكار قولىدىكى بوياق قەلەمنى ئەڭ يېڭى تېخنىكىغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، چىراق يورۇقىنىڭ سۇنۇشى ۋە يېڭىچە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، ئىككى ئۆلچەملىك كۆرۈش چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ۋە تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىدا خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ خىرە نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆرۈش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئەسەردىن ھۇزۇرلىنىش پىسخىك سەزگۈسىدىمۇ ئوخشىمايدىغان ئۆزگىرىش بولىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر