خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-سېنتەبىر چۈش سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، خەيديەن رايونى شياڭشەن باغچىسىدا 59 ياشلىق بىر ئەر ئاسما ئورۇندۇقتا تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاسما ئورۇندۇقتىن تاغ قاپتىلىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. باغچا تەرەپ ساياھەتچىنىڭ چۈشۈپ كەتكەندە تېخى ھوشىنى يوقاتمىغانلىقىنى، خىزمەتچى خادىمغا ئۆزىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا نەپىسى قىسىلغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوختۇرخانا خادىملىرى مۇخبىرلارنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىشىنى رەت قىلغان.
ھازىر ساقچىلار تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى