16-سېنتەبىر كەچتە، ئاپتوموبىللار بېيجىڭنىڭ غەربىي 2-ئايلانمىسىدا ئاستا مېڭىۋاتماقتا. شۇ كۈنى، بېيجىڭدا كەچلىك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. بېيجىڭ قاتناش تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، بېيجىڭ ئۇدا ماشىنا توسۇلىدىغان كۈننى كۈتۈۋالىدۇ، شەھەر رايونىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىق ۋاقتى ئۇزىراپ، ئېغىر قىستاڭچىلىق دەرىجىسگە يېتىدۇ.
بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان قاتناش ئەھۋالى ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تاۋۇز چاغىنىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇغقان يوقلاش، دوستلار بىلەن كۆرۈشۈش، يىغىلىش ۋە نەرسە-كېرەك سېتىلىۋېلىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە ماشىنىلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدىكەن، خىزمەت كۈنلىرىدىمۇ قاتناش قىستاڭچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)