ئاپتور: شىنجاڭ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زېڭ جيا
شىنجاڭدا ئىكەنلىكىمدىن، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىمدىن، بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغانلىقىمدىن، بېشىمنى كۆتۈرسەملا خۇددى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدەك سۈزۈك، پايانسىز كۆپكۆك ئاسماننى كۆرەلەيدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن؛ كېچىدە تىپتىنچ كېچە ئاسمىنىدىن ھۇزۇرلىنالايمەن، ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن-سۆرەنلىرى ئاڭلانمايدۇ، خۇددى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىققا ئوخشاش؛ تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى ۋە ئورمانلارنى كۆرگۈم كەلسە بېرىپ كۆرسەملا بولىدۇ، شىرىن-شەربەتلىك مېۋىلەرنى يېگۈم كەلسە، ئاسانلا يېيەلەيمەن؛ ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان كاۋاپ، پولولارنى يېگۈم كەلگەندە بېرىپلا يېيەلەيمەن.
باشقىلار سېغىنىۋاتقان يۇرتتا ياشاۋاتىمەن، تەلىيىمگە يۇرتۇمدىن تېخى ئايرىلمىدىم، يۇرتۇمنىڭ تۇتاش كەتكەن ھەيۋەتلىك تاغلىرى، ئۇنىڭ مەرۋايىت كەبى سۈپسۈزۈك زۇمرەت كۆل سۇلىرى، ئۇنىڭ بىپايان يايلاقلىرى... شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەپ ياكى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۆزىڭىز بېرىپ ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ ھېس قىلىشىڭىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى سىزنىڭ ھېكايىڭىز بىلەن تېخىمۇ ئېسىل ۋە تەسىرلىك.
ئەگەر بىر كۈنلەردە شىنجاڭدىن ئايرىلسام، شىنجاڭ چوقۇم يۈرىكىمدىكى تېگىشكە بولمايدىغان ئازاپ بولۇپ قالىدۇ، شىنجاڭغا بولغان سېغىنىش چوقۇم مېنى چوڭقۇر ئازاپلايدۇ.
شىنجاڭدىن ئايرىلىشقا قىيالامسىز؟ شىنجاڭنى ئەسلەمسىز؟ سېغىنامسىز؟
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى