باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئالبوم

زېمىننىڭ كۆزى ـــ قۇربان مۇھەممەت فوتو سۆرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار (1)

2013.09.17 10:37   مەنبە: خەلق تورى

زېمىننىڭ كۆزى ـــ قۇربان مۇھەممەت فوتو سۆرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار (1)

  غۇلجىغا بارغان ھەرقانداق كىشى ئىلى دەرياسىنى كۆرمەي ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سەيلى-ساياھەت قىلماي كەتمىسە كېرەك دەپ ئويلايمەن .ئۇنىڭ نامى بۇ گۈزەل تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئەمگەكچان خەلقنىڭ روھىي سىمۋولى .بۇ ئۈزۈلمەي ئېقىۋاتقان ئەزىم دەريا بۇ زېمىندىكى نۇرغۇن تارىخىي ئىشلارنىڭ شاھىدى. مەن ئىشچان شاگىرتىم تۇرزاتنىڭ ئاكىسى ئەزىمەتنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلى دەرياسىنى كۆرگىلى كەلدىم . ئەلۋەتتە ئۆزەمنىڭ ئادىتى بويىچە سۈرەت تارتىش ئاپاراتلىرىمنى ئېلىۋالغان ئىدىم . كەچكە يېقىن ۋاقىت بولغاچقا، كۆڭلۈمدە كۈننىڭ پېتىشىنى تارتىش پىلانىم بار ئىدى . سۈرەت تارتقاش ئەڭ ئاخىرقى مەنزىرىنى قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ تارتىشنى بېكىتىۋالدىم . بىراق ئۇ نۇقتىغا بېرىپ ، كۈننىڭ پېتىشىنى سۈرەتكە تارتىشقا تەييارلىق قىلىپ كۈتۈپ ئولتۇرغاندا، غەرپ تەرەپتە بىر توپ قويۇق كۈلرەڭ بۇلۇت پەيدا بولۇپ ، كۆرۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. مېنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپلىرىدا بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقچى بولۇپ تۇرۇشاتتى. قۇياش ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇشقا باشلاپ بۇلۇتنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھازىرلا يورۇق تۇرغان جاھان بىراقلا قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى . باشقىلار ئاپاراتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قايتىشقا باشلىدى . ھەمراھىم «بولدى، ئەمدى قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى، بىزمۇ قايتايلى» دېدى . مەن «سەل تۇرۇپ تۇرايلى» دېدىم . كۆڭلۈمدە خۇددى يەنە بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك ئۈمىدىمنى ئۈزمىگەن ئىدىم . دەرۋەقە مۆجىزىدەك ئىش يۈز بەردى . قويۇق بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن بىر يېرىقچە ھاسىل بولغاندا ، قۇياش خۇددى « بۈگۈن پېتىپ كەتكۈچە يەنە بىر قېتىم بۇ زېمىننى كۆرۈۋالاي » دېگەندەك، ئوتقاشتەك نۇرىنى بۇ ئانا زېمىنغا چېچىپ ، شۇنداق بىر مەنزىرە ھاسىل بولدىكى، ئۇ خۇددى بىر بوشلۇقتىكى غايەت زور كۆزگە ئوخشايتتى . شۇنداق، ئۇ «زېمىننىڭ كۆزى» ئىدى.

  ئەلۋەتتە ، كۆپىنچە ئىشلار ئالدىن تەييارلىقى بار كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ . مەن ھاياجىنىمنىڭ يۈگىنىنى قاتتىق تىزگىنلەپ تۇرۇپ ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مۆجىزىنى فوتو ئاپاراتىم ئارقىلىق خاتىرىلىۋالدىم . بەزىدە ئىشلار ئادەم ئويلىغان يەردىن كېلىپ چىقمايدۇ . ئەگەر تەجرىبىلىك فوتوگراف بولسا ھەرگىزمۇ ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىپ كېتىپ قالمايدۇ . مانا بۇ شۇنىڭ دەلىلى .

  قۇربان مۇھەممەد

  2007-يىل 7-ئاي

  سۆرەتلەر ئاپتورنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىدىن ئېلىندى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جىلىن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدىكى «ئۆگىنىشخانىسى»نىڭ يىللىق ھەققى 800 يۈەن ئىكەن
      ·جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى(1)
      ·تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى: ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسەرلىرى چۆچەكلەر دۇنياسىنى ن…
      ·قازاقىستان ساياھەت ئەمەلدارى ۋىزا يېڭى كۆرسەتمىسى توغرىسىدا سۆزلىدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋىزا قوي…
      ·لى ياڭنىڭ ئالدىنقى ئايالىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى، ئايالىنى داشقال دەپ قوپاللىق بىلەن تىل…
      ·گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كەچۈرۈم جاۋابكارلىق خې…
      ·بالىلار ئۈچۈن ساغلام مەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلايلى 
      ·قازاقىستان ھۆكۈمىتى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: كېلەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا يېشى «40 تىن تۆۋەن بولۇش» چەكلىمىسى بىك…
      ·بېيجىڭ، چىڭخۇا، فۇدەن قاتارلىق ئىچكىرىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى 200 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت ئىچ…