خەلق تورىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئىت باقمايدىغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئون نەچچە ۋەكىلى ۋە شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەرمەك ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش خىزمەت سۆھبەت يىغىنى چاقىردى، يىغىندا تەرتىپسىز ئىت بېقىش مەسىلىسى ھەققىدە شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرى ئىچىدە دەرت تۆكىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، پەقەت 3 مىنۇتلا سۆزلەش ھەققىدە كېلىشتى. دەرت تۆككەندىن سىرت شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرى يەنە ئولتۇراق رايوندا ئىت بېقىشنى تىزىملاش، ئىتنىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، زىيانلانغۇچىغا تۆلەم تۆلەشتە شۇ سۇغۇرتا پۇلىنى ئىشلىتىشتەك تەكلىپ-پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.