9-سېنتەبىر كەچ ، مارالبېشى ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى .ناھىيە تەۋسىدىكى يېزا-بازار ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ، بالىلار باغچىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا تەنتەنە قىلىشتى . (ئىختىيارىي مۇخىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى)