خەلق تورىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان 5-كۈنى، بۈگۈن جەمئىي 18 يەككە تۈر بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. كوللېكتىپ تۈرلەر مۇسابىقىسىدە لى شاۋشيا باشچىلىقىدىكى شەندۇڭ كوماندىسى يەنە ئاياللار تىكتاك توپ كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە 3:0 نەتىجە بىلەن شەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى. قارغا ئېتىش مۇسابىقە مەيدانىدا، پىشقەدەم ماھىر جۇ چىنەن ئەرلەر 50 مېتىردا مىلتىقتا ئۈچ خىل ھالەتتە قارغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە ماھارىتىنى تەمكىن جارى قىلدۇرۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 7ئالتۇن مېدال پادىشاھى بولۇش ئارزۇسى بولغان سۈن ياڭ 100×4 مۇسابىقىسىدە جېجياڭ كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، 7 ئالتۇن مېدال پادىشاھى بولۇشقا يەنە 5 مېدال قالدى.