باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>سۆھبەت-زىيارەت

ئەنقەرجاننىڭ ئارزۇسى(1)

2013.08.27 09:43   مەنبە: خەلق تورى

ئەنقەرجاننىڭ ئارزۇسى(1)

  21-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت، نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئەرلەر 2000 مېتىرلىق توسۇقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن 16 ياشلىق ئوغلانىمىز ئەنقەرجان 6 مىنۇت 31 دەقىقىلىق ياخشى نەتىجە بىلەن 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ياشلار مۇسابىقىسى مۇكاپات سەھنىسىدە ئاخىرى بىر ئۇيغۇر ماھىر پەيدا بولدى!

  ئۇيغۇرچە قانىلىمىز ئەنقەرجان بىلەن ئالاقىلاشقان ۋاقىتتا، ئۇ ئەمدىلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، تېخى ئۆيىگىمۇ قايتمايلا شىنجاڭ كوماندىسىدا مەشقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانىدى. ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىكى كىچىك پېئىللىق، خۇشخۇيلۇق بىزنى جەلپ قىلىۋالدى. بىزمۇ مەخسۇس زىيارەت قىلىمىز دېمەيلا خوشال كەيپىيات ئىچىدە سوئاللىرىمىزنى باشلىدۇق.

  مۇخبىر: ئەنقەرجان، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تەنتەربىيە، بولۇپمۇ يۈگۈرۈش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىڭىزنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلاردىن ئاز-تولا سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

  ئەنقەرجان: مەن كىچىكىمدىنلا پائالىيەتچان، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇراتتىم، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، ھەر قېتىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندە چوقۇم قاتنىشاتتىم، ھەم دائىم چېمپىيۇن بولاتتىم. باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىدىن بىر پۇتبول تېرىنېرى ماڭا تەنتەربىيە مەكتىپىگە كېلىپ پۇتبول ئۆگىنىش تەكلىپى بەردى، ھەم مېنى تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ پۇتبولغا قىزىققاچقا دەرھاللا ماقۇل بولدۇم ۋە ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانامغا بۇ ئويۇمنى ئېيتتىم. ئاتا-ئانام باشتا قوشۇلمىدى، بىراق قايتا-قايتا دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانامنى قايىل قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانام مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى.

  مۇخبىر: سىز تەنتەربىيە مەكتىپىگە پۇتبول ئۆگىنىشكە بېرىپ قانداق بولۇپ يۈگۈرۈش ماھىرى بولۇپ قالدىڭىز؟

  ئەنقەرجان: 2009-يىلى 12 يېشىمدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 9-ئايدا تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىردىم، بىراق كىم ئويلىغان، مېنى تەربىيەلىمەكچى بولغان تېرىنېر مەن كېلىشتىن سەل بۇرۇنراق يۆتكىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل تەنتەربىيە مەكتىپىدە لاغايلاپ يۈردۈم. كېيىن، مەكتەپ مەيدانىدا ئىچىم پۇشۇپ يۈگرەپ يۈرسەم، يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ تېرىنېرى مېنى چاقىرىپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرى ئۆگىنىشكە قانداق قارايدىغانلىقىمنى سورىدى. مەنمۇ بۇرۇندىنلا يۈگۈرۈشكە قىزىققاچقا، ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن يۈگۈرۈش ماھىرى بولۇپ قالدىم.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىتئەسى ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا شىنجاڭلىق يىگىت 2-لىككە ئېرىشتى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز