قومۇل ۋاڭلىرى ئوردىسى مەنزىرە رايونى 2008-يىلى 4-ئايدا قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ۋە قومۇل ۋاڭ قەبرىستانلىقى بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى بولۇپ، ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلمى 78 مو.
قومۇل ۋاڭلىرى 1697 – يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغاندىن تارتىپ 1930 – يىلىغىچە بولغان 233 يىل جەريانىدا قومۇلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار ئەتىقىلەرنى قالدۇردى.