ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ، تۈرك خانىملىرى تالىشىپ ئالتۇن سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ ئاپرېلدىكى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى ئېشىپ 45.49 توننىغا يېتىپ ، مارتتىكى ئىمپورت مىقدارىدىن 18.26 توننا ئاشتى ، ھالبۇكى تۈركىيەنىڭ 2012-يىلى پۈتۈن يىللىق ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى 120.78 توننا ئىدى . ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجدىن بولغان ، سەۋەبى ئالتۇن باھاسىنىڭ خېلى چۈشۈشى ئېھتىياجنى قوزغاتقان.