باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى(1)

2013.08.12 15:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

  (2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

  65 – نومۇرلۇق

  ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

  2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

  11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

  56 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش ۋە ئۇلارنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەن گۇۋاھچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن گەپ سوراشتا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ياكى باشقا كىشىلەرگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.››

  بۇ قارار 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

  (1991 – يىل 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2006 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى، 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب ئائىلە قوغداش

  3 – باب مەكتەپ قوغداش

  4 – باب جەمئىيەت قوغداش

  5 – باب قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قوغداش

  6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

   1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يېشى 18 گە تولمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

  3 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياشاش ھوقۇقى، يېتىلىش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە. دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئالاھىدە ۋە ئالدى بىلەن قوغدايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلدۇرمايدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي، مىللىتى، ئىرقى، ئائىلە مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي، ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.

  4 – ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت تەربىيەسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم ۋە سوتسىيالىزم تەربىيەسى بېرىدۇ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، پەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئودال ئىدىيە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.

  5 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

  (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛

  (2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە لايىقلىشىش؛

  (3) تەربىيەلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.

  6 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تەربىيە ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  7 – ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

  گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانغا كىرگۈزىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ.

  گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتۇرىدۇ. كونكرېت ئاپپاراتنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ.

  8 – ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

  9 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

  2 – باب ئائىلە قوغداش

  10 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ياخشى، ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشى ۋە ناكار قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار ياكى مېيىپلەرنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  11 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىك ئەھۋالى ۋە قىلىقىغا دىققەت قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ساغلام ئىدىيە، ياخشى پەزىلەت، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇپ يۈرۈش، تورغا مەستانە بولۇش ۋە قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەردە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

  12 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىشى، تەربىيەلىشى كېرەك.

  دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  13 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە مەكتەپكە بېرىشى ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسىنى تاماملاتقۇزۇشى شەرت، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىقى كېرەك.

  14 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېشىغا ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قارار قىلغاندا ئۆزىگە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

  15 – ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلسا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چاي ئىچۈرسە بولمايدۇ.

  16 – ماددا ئاتا – ئانىلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىرى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن باشقا كىشىلەرگە ۋەسىيلىكنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر