باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (1)

2013.08.12 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

  557 – نومۇرلۇق

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› 2009 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 73 – دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  زۇڭلى ۋېن جياباۋ

  2009 – يىل 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ


  1 – ماددا بۇ نىزام ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› (تۆۋەندە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى دېيىلىدۇ)غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇر تورىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى ۋە يېمەكلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.

  3 – ماددا يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە قانۇن – نىزاملار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىدە جاۋابكار بولىدۇ، جەمئىيەت ۋە جامائەت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ئىجتىمائىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  4 – ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى، جامائەتنىڭ مەسلىھەت سورىشى، ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئالاقىدار تارماقلاردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

  2 – باب يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش


  5 – ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 11 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزىدۇ.

  6 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەنگە ئېلىش ئەھۋالىدىن گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تەڭشىگەندىن باشقا، زۆرۈر تېپىلغاندا داۋالاش ئاپپاراتلىرى يوللىغان ئالاقىدار كېسەل ئۇچۇرىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانىنى تەڭشىشى كېرەك.

  دۆلەتنىڭ يېمەكلىك خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش لايىھەسىنى مۇناسىپ تەڭشىشى كېرەك.

  8 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلغان كېسەلنىڭ يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەل، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن كېسەل ياكى يېمەكلىك مەنبەلىك گۇمانىي كېسەل، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن گۇمانىي كېسەل ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلىرىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

  مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كېسەلگە دائىر ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلەپ ئانالىز قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەڭلا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يوللىسا بولىدۇ.

  9 – ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەن تېخنىكا ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان تېخنىكا ئاپپاراتى كۆزىتىش خىزمىتىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى ۋە كۆزىتىش لايىھەسى بويىچە ئىشلەيدۇ، كۆزىتىش مەلۇماتىنىڭ چىنلىقىغا، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش پىلانى ۋە لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە، كۆزىتىش مەلۇماتىنى ۋە ئانالىز نەتىجىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن تارماققا يوللايدۇ.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش خادىملىرى ئەۋرىشكە ئېلىش، ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى – باقمىچىلىقى قىلىدىغان، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان، يېمەكلىك ئوبوروتى قىلىدىغان ياكى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئالاقىدار سورۇنلارغا كىرسە بولىدۇ. ئەۋرىشكە ئالغاندا، بازار باھاسى بويىچە ھەق تۆلەش كېرەك.

  10 – ماددا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە ئانالىز نەتىجىسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپ بولۇش ئېھتىمالى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن شۇ مەمۇرىي رايوندىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى ھەم ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش مەلۇماتىنى ۋە ئانالىز نەتىجىسىنى يىغىشى، خۇلاسىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ سودا تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  12 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك:

  (1) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ياكى تۈزىتىشنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋپ – خەتەرنى باھالاش زۆرۈر بولسا؛

  (2) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق سورتلارنى بېكىتىش ئۈچۈن خەۋپ – خەتەرنى باھالاش زۆرۈر بولسا؛

  (3) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېڭى ئامىل بايقالغان بولسا؛

  (4) مەلۇم ئامىلنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

  (5) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خەۋپ – خەتەرنى باھالاش زۆرۈر، دەپ قارىغان باشقا ئەھۋاللار.

  13 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىك تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش ھەققىدىكى تەكلىپىنى بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك:

  (1) خەۋپ – خەتەرنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى؛

  (2) تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار پىرىيوم مەلۇماتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى؛

  (3) خەۋپ – خەتەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى؛

  (4) باشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش ئۇچۇرى ۋە ماتېرىياللىرىنى يىغىشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  14 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىش ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى كۆزىتىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن بىر – بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن بىر – بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر