خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان مەكتەپ ئىچىدە ئېتىشىش تەھتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاركانساس شتاتىدىكى كلارك سۋىل ئوتتۇرا مەكتىپىدە رول ئېلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئويلىغاندەكلا بۇ ئىش قاتتىق تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.