30-ئىيۇل، بەش تۈرلۈك جىننىس دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، شىنجاڭ «داۋاز»چىلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئەسقەر يۈننەندىكى تاش ئورمانلىقتا كۆچمە ئىسسىق ھاۋا شارى ئوتتۇرىسىدىكى لىمدا مېڭىپ جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتتى، ئۇ 38 مىنۇت 35 سېكونتتا مېڭىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جېننىس دۇنيا رېكورتى باش ئىشتابىنىڭ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى جەڭ ئېلان قىلىش ئەنئەنىۋى بوشلۇقتا پولات ئارقاندا ئىككى مۇقىم نۇقتا ئارىسىدا مېڭىش شەكلىنى بۇزۇپ تاشلىدى، دېئامىتىرى 50 مىللىمېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدا ئەسقەر تۇراقسىز ھالەتتىكى ئىككى لەيلىمە ئىسسقلىق ھاۋا شارى ئارىلىقىدىكى 18 مېتىر ئارىلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
مەنبە: خەلق تورى