باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگونى قورشاش ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ خام خىيالى(3)

2013.07.29 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ۋە فىلىپپىن بىلەن بولغان سۈركىلىش جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلاردىكى ھالىتى بولۇپ قالدى، بىز بۇنىڭغا كۆنسەكلا بولدى، ئۇلار بىلەن بىرگە-بىر ئېتىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. فىلىپپىن يەرشارى خاراكتېرلىك نامايىش قىلغىدەك دۇنيادا قانچىلىك فىلىپپىنلىك بار؟ ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار جەنۇبىي دېڭىز زېمىن مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزسە، ئىش ئاندىن قىزىغان بولاتتى. بىراق فىلىپپىن ئۈچۈن بۇنداق قىلىش ئەرزىمەيدۇ.

  فىلىپپىننىڭ نامايىشى ۋە ياپونىيە بىلەن فىلىپپىننىڭ بىرلىشىشى ئوخشىمىغان قاتلامدا داغدۇغا پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇلار ئاجىزلىق پىسخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ داغدۇغا پەيدا قىلىشى بىھاجەت، جۇڭگو ئۆزىنىڭ رېتىمى بويىچە تەرەققىي قىلسا، تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلسىلا بولدى.

  جۇڭگو نەچچە كۈن بۇرۇن دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنى رەسمىي قۇردى، بىر قانچە دېڭىز ساقچى پاراخوتى دېڭىز نازارىتى پاراخوتىنىڭ ئورنىدا دياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداۋاتىدۇ. بىراق جۇڭگو بۇ ئىشنى ئانچە تەشۋىق قىلىپ كەتمىدى، بىزنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشىمىزنىڭمۇ، سىرتقا كۆز-كۆز قىلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. دېڭىز ساقچى ئىدارىسى قۇرۇش جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى نورمال قەدىمىنىڭ بىرى.

  كۈچ ئەڭ ياخشى تىل، باشقىلار قانچىكى بىز بىلەن تىركەشسە، بۇ داۋلىنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. جۇڭگونىڭ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشسىلا، ئۇ بىر خىل ھەيۋە بولۇپ، ياپونىيە بىلەن فىلىپپىندىكى ئېكىستىرىزمچىلارنى شۈركەندۈرەلەيدۇ. ئۇلار جىددىيلەشكەنسېرى، تېخىمۇ ئۆزىنى قىينايدۇ. ئۇنداق بولسا ئۇلار ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىۋەرسۇن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل