باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگونى قورشاش ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ خام خىيالى(2)

2013.07.29 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن تەدرىجىي ھالدا ئەتراپتىكى دېڭىز ساھىلىدە ھەمكارلىشىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرىدىغان ئوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى، بىراق ياپونىيە بىلەن فىلىپپىندەك ئوق مەركىزىنىڭ جارى قىلدۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك رولى ئىنتايىن چەكلىك.

  بىراق ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن داغدۇغىلىق ھالدا بۇ ئوق مەركىزىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشقا پېتىنالمايدۇ. ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئارال تالاش-تارتىشى ئىنتايىن مۈجمەل خەلقئارالىق سىياسىي ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، جۇڭگو قانۇنىي جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ بارغانسېرى روشەن بولىۋاتىدۇ، ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ جۇڭگو بىلەن جاننى تىكىپ تىركىشىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىرادىسى يوق، ئۇلارنىڭ زېمىن تالىشىش ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ۋاز كېچىش ئويىمۇ يوق، بۇ ئىككى دۆلەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەكىللەندۈرگەن ئوق مەركىزىنىڭمۇ زور كۈچى بولمايدۇ.

  2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قىسمەن رايونلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، جەنۇبتىن جۇڭگونى قورشىغان ئىدى. ھازىر ياپونىيە ئىختىيارسىزلا كونا يولنى باسماقتا، بىراق دەۋر تامامەن ئۆزگەردى. ياپونىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دىپلوماتىيە قۇرۇلمىسى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك كۈچىنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغاچقا، چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ياپونىيەگە ياردەملىشىپ سودا قىلىپ، پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدۇ، ئاتالمىش جۇڭگونى قورشاش ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ خام خىيالى.

  فىلىپپىن جۇڭگونىڭ ئۆزىنى بىر قانداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كىچىك ئىشلارنى تېرىپ، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدەپ، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدۇ. ئۇنداق-بۇنداق ئىشلارنى تېرىپ تۇرۇش فىلىپپىن سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز ئېتىراز بىلدۈرۈش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن سىياسىي كۈچلەر جان بېقىۋاتماقتا.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل