خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ۋېنلىڭ شەھىرى داشى بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بازارلىق ھۆكۈمەت مەيدانىدا شاللىرىنى ئاپتاپقا سالماقتا. بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق يەر زەنجىر بىلەن قورشالغان بولۇپ، كەچتە كەنت ئاھالىسى ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، كۈندۈزى شال قۇرۇتىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەيدان ئىسراپ قىلىنماي ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.