خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل ئارمىيە بويىچە ئالاھىدە قىسىملارنىڭ جەڭ ماھارىتىدە بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، مۇسابىقە تۈرى ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مەرگەنلىك مەشىق سەۋىيىسىنى سىناش، مەرگەنلىك مەشىقىنى ھەقىقىي ئۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىم ئۈچۈن مەرگەنلەر تايانچلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان مەرگەنلىك ئۇرۇش ھەركىتى بولدى.