خەلق تورىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، «تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو.شىنجاڭ خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى» مەدەنىيەت-سەنئەت دوكلات ئويۇنى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتەپ زالىدا ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو.شىنجاڭ خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ خۇشال ناخشا، كۈلكە سادالىرىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا يېپىلىپ، غەلبىلىك ئاياقلاشتى.
بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمىغا روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ھىندىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنىڭ 9 ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكى ۋە شىنجاڭدىكى 9 ئورۇننىڭ 9 ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكىدىن جەمئىي 348 ئادەم قاتناشقان، قاتناشقان كوماندا ۋە نومۇرلارنىڭ سۈپىتى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، بۇ قېتىم قاتناشقان كوماندىلارنىڭ سانى ۋە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان.
«تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو.شىنجاڭ خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى» شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى رامكىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقە پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەشەببۇسى بىلەن، خەلقئارادىكى ئۆسمۈر بالىلار ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن بولغان ئەل ئىچى ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ئۈچۈن، ئىناق، دوستانە بولغان قوشنا ئەللەر مۇھىتى بەرپا قىلىشنى مەقسەد قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن بالىلار يەنە ھۆسىن خەت يېزىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك،تالانت كۆرسىتىش (قەغەز قىيىش، مارجان ياساش ۋە جۇڭگو تۈگۈنى توقۇش قاتارلىقلار)، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مۇزىكا ۋە چالغۇلار ئالاقىسى، نەنشەن جىلغىسىنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.