باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇرىيە مەسىلىسى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنى «پارچىلىۋەتتى»(2)

2013.07.25 08:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋاكالەتلىك ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنارمۇ؟

  ياپونىيە مېدىيالىرى 19 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: سەككىز دۆلەت گۇرۇھى سۇرىيە مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن، سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى ئېنىقسىز ھالەتتە قالدى. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سۇرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشەلمىسە، ئۇلار سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنى ئۆز ئالدىغا قورال بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، ئۇ ھالدا بۇ ئۇرۇش ۋاكالەتلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  ئامېرىكا بەشىر ھاكىمىيىتى خىمىيەۋى قورال ئىشلەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچى گۇرۇھنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ قارارىنى قوللىدى. بەشىر ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، شۇ سەۋەبتىن سەككىز دۆلەت گۇرۇھى سۇرىيە مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمىدى. لېكىن ئىككى تەرەپ تېزدىن سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىن ئېچىش ھەمدە ب د ت نىڭ سۇرىيەدە خىمىيەۋى قورال ئىشلەتكەن – ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشتە بىرلىك ھاسىل قىلدى.

  رۇسىيە بەشىر ھۆكۈمىتىنى S-300 يەر – ھاۋا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشتە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رۇسىيە يەنە بەشىر ھۆكۈمىتىنى MiG-29 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سۇرىيەنىڭ قوشنىسى ئىيوردانىيەدە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق يەر – ھاۋا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن بۇ قوراللارنى ئىيوردانىيەگە قويۇپ قويىدۇ.

  بۇ قوراللار سۇرىيەدە ئۇچۇشنى مەنئى قىلىش رايونى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدىكەن. شۇڭا رۇسىيە بۇنى خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل