خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت بىردىن باشلاپ سىچۇەن ئۆلكىسى داجوۋ شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىغان، ئايرىم جايلاردا 144.1 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، قاتتىق يامغۇر بۇ شەھەرنىڭ دۆلەت يولى، ئۆلكە يوللىرىنىڭ كۆپ جايلىرىنى بۇزۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەنيۈەن شەھىرى تەيپىڭ بازىرىدىكى بىر كىچىك رايوندا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، ھازىرغىچە بىر قىز ئۆسمۈرنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان، يەنە بىر قىز ئۆسمۈر يوقاپ كەتكەن، قىسمەن ئادەملەر يارىلانغان. كىچىك رايوندىكى ئامما يېقىندىكى مەكتەپكە پاناھلىنىشقا تارقاقلاشتۇرۇلغان. گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جايدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان، شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت كۈچ تەشكىللەپ يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى