خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-ئىيۇل شېنياڭدا 19 ياشلىق بىر بودەك ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئۆيىدە ھەرىكىتى قولايسىزلىشىپ، ئامالسىز 119 ئوت ئۆچۈرۈشكە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغان، شېنياڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تېزلىكتە بودەكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىغا ياردەملىشىپ، ئەدىيال بىلەن ئۇنى ئاستا كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىرگەن، ئانىسى ئۇنى يۇيۇپ قويغان، بودەك ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتقان.