خەلق تورىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى ئوبلاستى خېفېڭ ناھىيەسى تېلۇ بەيزۇ مىللىتى يېزىسى يۈشەن كەنتى خېفېڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ناھىيىدىن 150 كېلومىتىر نېرىدىكى، ئادىمى شالاڭ، ئېگىز، چەت تاغلىق كەنتكە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەنتنىڭ 6-،7-گۇرۇپپىلىرىغا بۈگۈنگە قەدەر تاش يول تۇتاشتۇرۇلمىغان. بۇ كىچىك كەنت تىك قىيا بىلەن چوڭقۇر جىلغىلار بىلەن قورشالغان، كەنت ئاھالىسىنىڭ تاغدىن مېڭىپ چىقىپ، كىرىشى ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
6-، 7- گۇرۇپپىدىكى ئاھالىنىڭ يۈرۈشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، 1997-يىلى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت جىلغىدىن 480 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايغا ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىغان پولات كابېل يولى ياساپ، ئادەم ۋە نەرسە كېرەكلەرنى ئۆتكۈزىدىغان «تۆمۈر سېۋەت» ئورنىتىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ھازىرغىچە بولغان 16 يىل مابەينىدە، كەنتنىڭ 6-، 7- گۇرۇپپىسىدىكى 196 ئادەم پۈتۈنلەي مۇشۇ پولات كابېل يولىدىكى «تۆمۈر سېۋەت» بىلەن جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: ياڭ شۈنپى