2013-يىل 18-ئىيۇل سائەت 22 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ سىنا مىكرو بلوگى مۇنداق بىر يازما تارقاتتى: «بىز ئۈرۈمچىدە، بۇ يەردىكىلەر: قىزغىن—— سىرتتىن كەلگەنلەر يول سوراپ قالسا چوقۇم ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىپ قويىدۇ، بىللە ئاپىرىپ قويغىلى تاس-تاس قالىدۇ؛ ئاقكۆڭۈل—— ئاپتوبۇستا ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆرە تورغىنىنى كۆرەلمەيسىز، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتە داڭلىق؛ سەمىمىي—— سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، تىقىلىپ كەتكۈچە يېمىسىڭىز، سىزنى ئوبدان كۈتەلمىگەندەك ئويلاپ قالىدۇ. فوتوگرافلارنىڭ كامېراسىغا ئېلىنغان ‹ئۈرۈمچىدىكى 24 سائەت›كە دىققەت قىلىڭ»
بۇنىڭ بىلەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كارتېنىلىرىنى كامېراسى بىلەن بەس-بەستە خاتىرىلەپ، مىكرو بلوگلىرىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى